汉维词典خەنزۇچە ئۇيغۇرچە لۇغەت

ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ياكى پىنيىننى كىرگۈزۈپ ئىزدىگىلى بولىدۇ.
Ctrl+K نى بېسىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە كىرەلەيسىز.



«خەنزۇچە ئۇيغۇرچە لۇغەت» كە خۇش كەپسىز

مەزكۇر لۇغەت Anatilim Uyghur <--> Chinese Dictionary files for StarDict دىكى خەنزۇچە ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىپ، ئىنتېرنېتتا ئىشلىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەندى. StarDict بولسا ئەسلى كودى ئوچۇق بولغان، GPL ئەھدىنامىسى بويىچە تارقىتىلغان تۈر بولغاچقا ئۇنىڭ سۆزلۈكىنى ئىشلەتتىم. سۆزلۈك ئاپتورىنىڭ پىكىرى بولسا بۇنى دەرھال توختىتىمەن.
لۇغەت Java، JavaScript قاتارلىق تىللاردىن پايدىلىنىپ، Ajax تېخنىكىسى ئىشلىتىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بىر قىسىم جاھاننامە(Browser)لاردا نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن. ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن، UyghurEdit نى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرىڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ، ياكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى تارقاتقان فونتلاردىن UKIJ Nasq ، UKIJ Tuz Tom نىڭ خالىغان بىرسىنى كومپيۇتېرىڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
جاھاننامەدە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن يۇلغۇن تور بېتى تەمىنلىگەن تېكىسكىلاتنىڭJavaScript نۇسخىسى ئىشلىتىلدى.

لۇغەتنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە ياردەم:
ئىزدەش رامكىسىغا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە پىنيىننى كىرگۈزۈپ ئىزدەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.ئىزدەلگەن سۆزدىن باشلانغان ياكى شۇ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دانە نەتىجە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خەنزۇچىنى بىۋاسىتە كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى يوق ئەھۋالدا پىنيىننى كىرگۈزۈپ ئىزدەشكە بولىدۇ. پىنيىننى كىرگۈزگەندە ئىنگلىزچە كىچىك ھەرپلەرنى بوشلۇق قويماي كىرگۈزۈش كېرەك. مەسىلەن zuguo دېگەندەك.
پىكىر تەلەپلەر بولسا gheyret@yahoo.com غا ئەۋەتىڭ.

2006-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى